يۈرىكى پارە-پارە بولماق[يەشمىسى:] ① ئىشق-مۇھەببەت ئوتىدا پوچۇلانماق، ئازاب چەكمەك، بىراۋنىڭ ئىشقىدا كۆيمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ، بىر ئۇھ تارتتى.[يەشمىسى:] ② ئېغىر دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت چېكىپ روھىي جەھەتتىن ئېزىلمەك، قىينالماق:[مىسال:] بالىسىنىڭ دەردىدە يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن ئانا يەنە بۇ دەردنى قانداق كۆتۈرەلىسۇن؟