Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقى
Domain: بىئولوگىيە腔围心
qiāngwéixīn
<پېرىكاردىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈرەكنى ئوراپ تۇرىدىغان بوشلۇق. مولليۇسكىلارنىڭ يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقىدا قېپقالغان كېيىنكى تەن بوشلۇقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بوشلۇق سىرتىنى سۈزۈك، نېپىز پەردە ئوراپ تۇرىدۇ. بۆرەك نەيچىسى بوشلۇق ئىچىگە ئېغىز ئاچقان (يەنى بۆرەك، يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقى). بوشلۇق ئىچىگە قان سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەن بوشلۇق سۇيۇقلۇقى تولغان بولۇپ، يۈرەك شۇنىڭ ئىچىگە جايلاشقان. بەزى تۈرلىرىنىڭ نېپىز پەردىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يەنە بەزى جايلىرى ئالاھىدىلىشىپ يۈرەك ئەتراپى بولشۇقى بەزلىرىنى (چىقىرىۋېتىش ئاپپاراتى) شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان قان تومۇرلار تارالغان، قان سۇيۇقلۇقىدىن مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، بۆرەك نەيچىسى ئارقىلىق چىقىرىۋېتەلەيدۇ. يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقىدا قان ئايلىنىشقا ياردەملىشىشتىن باشقا يەنە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىش ۋە كۆپەيتىش فۇنكىسىيىسى بولىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ئەتراپى بوشلۇقىدا يۈرەك سوققاندىكى سۈركىلىشنى كېمەيتىش رولىنى ئوينايدىغان ئاز مىقداردىكى شىرىلىق سۇيۇقلۇق (پلازما سۇيۇقلۇقى) بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.