UyghurMain Dictionary
يۈرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر قىلىدىغان ئورگاندىن چىققان ئوي - پىكىر، ھېس - تۇيغۇ.
يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە يول تاپار. بىر يۈرەككە ئىككى يار سىغماس. كۆز نۇرنىڭ ئۈلكىسى، كۆڭۈل سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭلى ساپنىڭ ئىشى تۈز. گۈزەل چىرايدىن گۈزەل كۆڭۈل ئەلا. كۆڭۈل تارتمىغان ئاشنى يېمە. كۆڭۈل كۆتۈرمىگەن ئىشنى قىلما. دىل ئازاردىن خۇدا بىزار. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسۇن. قەلبى گۈزەل - مەڭگۈ گۈزەل. چىراي گۈزەللىكىدىن قەلب گۈزەللىكى ئەلا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈرەك.
يۈرەكلىگ _ يۈرەكلىك، قورقماس.
3 - 22
بىئولوگىيە
قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىغا تۈرتكىلىك قىلىدىغان (ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان) مۇسكۇل خاراكتېرىدىكى ئورگان بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ كلاسسىفىكاتسىيىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ مۇرەككەپ - ئاددىيلىق پەرقى بولىدۇ. ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ شەكلى شاپتۇلغا ئوخشاش، چوڭلۇقى ئادەم ئۆزىنىڭ مۇشتۇمىچىلىك. ئۇ كۆكرەك بوشلۇقىدا ئىككى ئۆپكە ئارىلىقىنىڭ سەل سول تەرىپىگرەك جايلاشقان بولۇپ، يۈرەك قېپىغا ئورىلىپ تۇرىدۇ. ئىككى يۈرەك دالانچىسى ۋە ئىككى يۈرەك قېرىنچىسى بولىدۇ، ئوڭ - سول ئىككى دالانچە ئارىلىقىدا دالانچە ئارىلىق پاسىلى، ئوڭ - سول ئىككى قېرىنچە ئارىلىقىدا قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىككى يۈرەك دالانچىسى ئۆزئارا تۇتاشمايدۇ، ئىككى قېرىنچىمۇ ئۆزئارا تۇتاشمايدۇ. لېكىن يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسى ئارىلىقىدا دالانچە - قېرىنچە تۆشۈكى دالانچە بىلەن قېرىنچىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. دالانچە - قېرىنچە تۆشۈكىدە كلاپان پەردىسى بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنى پەقەت يۈرەك دالانچىسىدىن يۈرەك قېرىنچىسىغىلا ئاققۇزۇپ تەتۈرسىگە ئاققۇزمايدۇ. يۈرەك سول دالانچىسى بىلەن يۈرەك سول قېرىنچىسىدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئارتېرىيە قېنى، يۈرەك ئوڭ دالانچىسى بىلەن يۈرەڭ ئوك قېرىنچىسىدىكى قان سۇيۇقلۇقى بولسا، ۋېنا قېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى يۈرۈشتۈرىدىغان ئورگان. ئادەملەرنىڭ يۈرىكى كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ مەركىزىدە سەل سولغىراق جايلاشقان بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى شۇ كىشىنىڭ مۇشتىچىلىك كېلىدۇ. شەكلى شاپتۇلغا ئوخشايدۇ. ئىچىدە تۆت پارچە بوشلۇق بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككىسى <يۈرەك دالانچىسى>، ئاستىنقى ئىككىسى <يۈرەك قېرىنچىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئۇزىراپ - قىسقىرىشى بىلەن قان سۇيۇقلۇقى پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىدۇ.
كۆچمە. نەرسىلەرنىڭ مەركىزىي قىسمى، مەركىزى.
بېيجىڭ - ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرىكى.
كۆچمە. كۆڭۈل، قەلب.
يۈرىكىنى ئاغرىتماق. يۈرەك ئازابى. يۈرىكىگە ئازار بەرمەك.
كۆچمە. جۈرئەت، غەيرەت، جاسارەت.
تاغ يۈرەك. يۈرىكى پۈتۈن. يۈرىكى قاپتەك. يۈرىكى چوڭ.