Uyghur←ChineseMain Dictionary
يۇەنرىن
دۇنيا تارىخى
圆仁
yuán rén
(794 - 864) ياپونىيىدىكى پىڭئەننىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى بۇددا دىنى تيەنتەيزۇڭ مەزھىپىنىڭ پىرى. شيايې (ھازىرقى لىمو ناھىيىسى) دە تۇغۇلغان. مىلادى 802 - يىلى داسى ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ بىلىم ئالغان. 808 - يىلى يەنلى ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، رۇڭچېڭنىڭ شاگىرتى بولغان. 883 - يىلى (ياپونىيە چېڭخىنىڭ 5 - يىلى، تاڭ سۇلالىسى كەيچېڭنىڭ 3 - يىلى) يۈەنشىڭ، چاڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىللە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى تىڭ يۈەنچاڭ بىلەن بىللە جۇڭگوغا كەلگەن. چۈەنجۇدىكى كەييۈەن ئىبادەتخانىسىدا سىددام يېزىقىنى ئۆگەنگەن. ئابخىسكا رەسىم - قائىدىسىنى ئۆتكۈزگەن. 840 - يىلى ۋۇتەيشەنگە چىقىپ <ماخاجژگۈەن> نى ئۆگەنگەن؛ ئاندىن كېيىن چاڭئەنگە بېرىپ، داشىنشەن ئىبادەتخانىسى، چىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، شۈەنفا ئىبادەتخانىسى، لىچۈەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاجرا چوڭ قانۇنى، ھامىلە، دارانى ۋە پاك دۇنيا مەزھىپى ئەقىدىلىرىنى ئۆگەنگەن. 845 - يىلى تاڭ ۋۇزۇڭ زامانىسىدا بۇددا دىنى مەنئىي قىلىنغان. ئۇ چاڭئەندە ئالتە يىل تۇرغاندىن كېيىن، 847 - يىلى (ياپونىيە چېڭخېنىڭ 14 - يىلى، تاڭ سۇلالىسى داجۇڭنىڭ بىرىنچى يىلى) ياپونىيىگە قايتقان ھەمدە نۇرغۇنلىغان بۇددا نوملىرىنى ئېلىپ بارغان. 854 - يىلى يەنلى ئىبادەتخانىسىدا ئۈچىنچى بولۇپ باش ئورۇننى ئالغان. ئۆلگەندىن كېيىن شەپقەتلىك ئۇستاز دەپ تونۇلغان. <تاڭ سۇلالىسى زېمىنىغا كىرىپ تەرىقەت ئىزدەش يولىدىكى ساياھەت خاتىرىسى> دېگەن توت كىتابى جۇڭگو - ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.