UyghurMain Dictionary
يۈكۈندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈكۈندى، ئىبادەت قىلدى، چوقۇندى.
قۇل تەڭرىگە يۈكۈندى _ قۇل خۇداغا ئىبادەت قىلدى. تويۇن بۇرخانقا يۈكۈندى _ ئول ماڭا يۈكۈندى _ ئۇ ماڭا ئېگىلىپ تازىم قىلدى ( يۈكۈنۈر _ يۈكۈنمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يۈكۈنۈپ ماڭا ئىملەدى
كۆزۈم ياشىن ياملادى
باغرىم باشىن ئەملەدى
ئەلكىن بولۇپ ئول كەچەر
«ماڭا تازىم قىلىپ ئىشارەت قىلدى،
كۆز يېشىمنى قۇرۇتتى،
باغرىم يارىسىنى ساقايتتى،
يولۇچى بولۇپ كېتىپ قالدى.»
مەھبۇبىنى خىيال قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: ئۇ ماڭا تازىم قىلدى ۋە مېنى شەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىملىدى؛ ئۇ بىر قارىشى بىلەنلا كۆز يېشىمنى داۋالىدى، باغرىمنىڭ يارىسىنى ئەملىدى، ئۇ يولۇچى بولۇپ كېتىپ قالدى.
3 - 113