UyghurMain Dictionary
يۇبىلادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالدىدى.
ئول ئانى يۇبىلادى _ ئۇ ئۇنى ئالدىدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاڭۇت خانى يۇبىلادى
ئۆلۈم بىرلە تۆپۈلەدى
قازاشلارى تاپالادى
ئۆلۈم كۆرۈپ يۈزى ئاغدى
«تاڭغۇت خانى ئالدىدى،
ئۆلۈم بىلەن بېشىغا ئۇردى؛
قېرىنداشلىرى تاپا قىلدى،
ئۆلۈم (نى) كۆرۈپ رەڭگى ئۆچتى.»
تاڭغۇت خانى قاتۇن سىنى خانىنى ئالدىدى، ئۆلۈم بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى؛ يېڭىلگەن ئادەمنى قېرىنداشلىرى ئەيىپلىدى، دۈشمەنلىرى خۇشال بولدى، ئۆلۈمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ، رەڭگى ئۆچتى. ( يۇبىلار _ يۇبىلاماق). بۇنى باشقا تۈركلەر ئاز قوللىنىدۇ ۋە ھىيلە مەنىسىدە « ياپ يۇپ» دەيدۇ. بۇنىڭدىن پېئىل ياسالمايدۇ.
ئوغۇز ۋە قىپچاق تىللىرىدا.
3 - 445