UyghurMain Dictionary
يۇڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلار، بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدىكى يىپەكسىمان نەرسە.
<يۇڭ> ئادەمگە ئيېتىلمايدۇ، <تۈك> دېيىلىدۇ.
<تىۋىت> ئۆچكە، تۆگە يۇڭلىرىنىڭ ئەڭ يۇمشاق، نەپىس قىسمى، تارىۋېلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيىدە بىر دېھقان ئۆيدە باققان بىر قويىدىن 29 كىلوگرام يۇڭ قىرقىۋالغان. يۇڭ تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 سانتىمېتىر ئىكەن. تۈكلۈك ئادەم - تۈكى چۈشۈپ كەتكەن تېرە. تۈك قايان ياتسا، شۇ يانغا سىلا. ئۆچكىنىڭ مويى كۆپ، بەڭگىنىڭ ئويى. تېكىنىڭ سۈتى بولمىغان بىلەن، تىۋىتى بار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆپكىگە چاپلاشقان ئىچ گۆش. بۇنى ئاياللار يەيدۇ. ئەرلەر يىمەيدۇ.
3 - 494
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇڭ.
تۆگە ياكى قوينىڭ يۇڭى.
3 - 494
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پاختا.
ئارغۇچە. ياغما ۋە قارلۇق تىللىرىدىمۇ شۇنداق.
3 - 494
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن قىرقىۋېلىنىدىغان مەھسۇلات؛ موي.
يۇڭ قىرقىماق. كۈزەم يۇڭ. يۇڭ ئاتماق.