UyghurMain Dictionary
يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى
Domain: دۇنيا تارىخىياپونىيىدە پىڭئەن يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن جەمەت تەزكىرىسى. مىلادى 779 - يىلى (يەنلىنىڭ 18 - يىلى) تېننو خىڭۋۇ (737 - 806) نىڭ پەرمانى بويىچە ھەرقايسى جەمەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان شەجەرىگە ئاساسەن، تېننو سوئې (786 - 842) مەزگىلىدە شاھزادە ۋەندو (788 - 830) قاتارلىقلار تۈزگەن. 815 - يىلى (خوڭرېننىڭ 6 - يىلى) پۈتكەن، جەمئىي 30 توم. يەنە بىر توم مۇندەرىجىسى بار. پايتەخت رايونىدىكى ئوڭ - سول تەرەپ ھەمدە شەنچىڭ، شېجىڭ، خېنېي، خېچۇەندە ئولتۇرۇشلۇق 1182 جەمەتنىڭ شەجەرىسى خانلىق ئايرىمىسى، ئىلاھلىق ئايرىمىسى، ۋاسساللىقلار قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. كېيىن باشقا فامىلىلەر قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ قەدىمكى زاماندىكى ئۇرۇق ھەققىدىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.