UyghurMain Dictionary
يېتىلگەن توقۇلما
بىئولوگىيە
<مەڭگۈلۈك توقۇلما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدىكى ھۈجەيرە مورفولوگىيىسى ئالاھىدىلەشكەن، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تۇراقلاشقان ھەرخىل توقۇلمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى. بۆلۈنگۈچى توقۇلمىدىن باشقا ئۆسۈملۈك تېنىنى تۈزگۈچى ھەرخىل توقۇلمىلار يېتىلگەن توقۇلمىغا كىرىدۇ. يېتىلگەن توقۇلما ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نېپىز پوستلۇق توقۇلما، قوغدىغۇچى توقۇلما، توشۇغۇچى توقۇلما، مېخانىكىلىق توقۇلما، ئايرىپ چىقارغۇچى توقۇلما قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇلار بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ كۆپەيگەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىپ دىففېرېنسىيىلىنىشىدىن ھاسىل قىلىدۇ. ئاتالمىش <يېتىلگەن> ۋە <مەڭگۈلۈك> مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق بولمايدۇ. بەلگىلىك شەرت ئاستىدا بەزى يېتىلگەن توقۇلمىنىڭ ھايات ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىشتىن قايتىش ئارقىلىق بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۆلۈنۈش ئىقتىدارى بولغان توقۇلمىغا ئايلىنىدۇ. زېدە بولغان ياكى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرگەندە مۇشۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.