UyghurMain Dictionary
يىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇمشاق يۇرۇلغان خېمىردىن مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك. كۆپىنچە نەزىر _ چىراغلاردا مېھمانغا قويۇلىدۇ.
ئاچ بىلەن توقنىڭ ئارىلىقى يېرىم چەلپەك. ئاتامنىڭ ئۆلگىنى ئانامغا ياراشتى، پوشكىلىنى ئىتلار تالاشتى. يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ. نەزىرنىڭ يىتى ئوخشاپتۇ.
شىۋىلەر
قۇيماق، چەلپەك، پوشكال.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<يىد> قا قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆلمەك، يوقىماق، يوقىتىپ قويماق، يىتتۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرۋاھلارغا ئاتاپ مايدا پوشكال، قۇيماق سالغان ۋاقىتتىكى ماينىڭ ھىدى، پۇراق.
يىت پۇراتماق.