UyghurMain Dictionary
يېشىلقات
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يېشىل + قات
ئىسىم
بوتانىكا
تاشيارغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك، گۈلى سارغۇچ يېشىل، شىرنىلىك مېۋىسى كۆك بولىدۇ. يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. بەزگەكنى داۋالاش رولىغا ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى، ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ.