Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېرېۋان
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر埃里温
āi lǐ wēn
سوۋېت ئىتتىپاقى ئەرمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھەم قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر 1936 - يىلغىچە ئېرىۋان دەپ ئاتالغان، كېيىن رۇسلار گرۇزىيىلىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تىلىنى قوبۇل قىلىپ، يېرېۋانغا ئۆزگەرتكەن. يېرېۋان شەھىرى ئاراكىس دەرياسىنىڭ تارمىقى رازدان دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان، شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 900-1300 مېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى بىر مىليون 113 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). يېرېۋان شەھىرىنىڭ ئاساسى مىلادىيە 6 - ئەسىرلەردىن باشلاپ سېلىنغان. 1936 - يىلدىن باشلاپ ئەرمەنىستاننىڭ مەركىزى بولغان. يېرېۋان ئەرمىنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، پۈتۈن جۇمھۇرىيەتتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بۇ شەھەرگە توپلانغان. بۇ جاي كاۋكاز رايونى بويىچە مۇھىم ستانوك، ئېلېكتر ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى. خىمىيە سانائەت، رەڭلىك مېتالچىلىق سانائىتىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شەھەر ئەتراپىدا بىرنەچچە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئەرمەنىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
埃里温
āi lǐ wēn
GetWord Corpus
9埃里温
āi lǐ wēn9埃里温
埃里温【世界各国】
āi lǐ wēn
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.