Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
半翅目
bànchìmù
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. بەزى ئىلمىي خادىملار (ئالىملار) بۇ ئەترەتنى ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر ئەترەت قىلىپ قاناتلىقلار ئەترىتى دەپ ئاتايدۇ ھەمدە مەزكۇر ئەترەتنى يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ بىر كەنجى ئەترىتى قاتارىغا كىرگۈزۈپ <غەيرىي قاناتلىقلار كەنجى ئەترىتى> دەپ قارايدۇ. بۇ ئەترەتتىكى ھاشاراتلار ئادەتتە <چېرېپاشكىلار> دەپ ئاتىلىدۇ. تېنى كىچىكتىن ئوتتۇرا تىپقىچە، ياپىلاق، ئېغىز ئاپپاراتى ئۇزۇن گىرۋەكسىمان، سانجىپ شوراشقا ماسىلاشقان بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئالدى ئۇچىغا جايلاشقان. قانىتى ئىككى جۈپ، ئالدىنقى قانىتىنىڭ تۈۋى مۈڭگۈزلەشكەن كېيىنكى يېرىمى پەردىلەشكەن، شۇڭا <يېرىم قانات> دەپ نام بېرىلگەن. كېيىنكى قانىتىنىڭ ھەممىسى پەردىلەشكەن، تىنچ تۇرغاندا ئالدىنقى - كېيىنكى قاناتلىرى قورساق قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىگە تەكشى يېپىلىپ، ئالدىنقى قانىتىنىڭ پەردىلەشكەن قىسمىنىڭ ئوڭ، سول تەرەپتىكىلىرى ئۆز ئارا نۆۋەتلىشىپ يېپىلىپ تۇرىدۇ، كۆپ ساندىكى تۈرلىرىنىڭ سېسىق بېزى بولۇپ، كەينى پۇتىنىڭ ئاساسىي بوغۇمىنىڭ يېنىغا ئېغىز ئاچقان. دۈشمىنىگە يولۇققاندا دەرھال سېسىق گاز چىقىرىدۇ، شۇڭا <ئوسۇرغاق قوڭغۇز> دەپ نام ئالغان. ھالەت ئۆزگەرتىشى تولۇقسىز، ياشاش ئورنى مۇرەككەپ، تولىراق قورۇقلۇقتا ياشايدۇ، سۇدا ياشايدىغانلىرىمۇ بار. يەنە قۇشلارنىڭ ئېمىتكۇچىلەرنىڭ ۋە ئادەم تېنىنىڭ سىرتىدا پارازىتلىنىدىغانلىرىمۇ بار. ھەر خىل ئۆسۈملۈكخور ئوسۇرغاق قوڭغۇزلار زىرائەت، كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ ھەم ئورمانلارغا زىيان سالىدىغان زىيانداش ھاشاراتلاردۇر، بەدەن سىرتىدا پارازىتلىنىپ قان شورايدىغان يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلار، مەسىلەن، چۇسا (چۈيۈن) تىببىي ھاشارات ھېسابلىنىپ ئادەم ۋە ھايۋانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كېسەل تارقىتىدۇ؛ سۇدا ياشايدىغان ئېتىز تاشپاقىسى، سۇ چايىنى (نېپا) ۋە سوڭزاۋ قۇرتى قاتارلىقلار گۆشخور بولۇپ بېلىجانلارنى تۇتۇپ يەپ، بېلىق باقمىچىلىقىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۇزىدۇ؛ قۇرت يەيدىغان چېرېپاشكىلار كىچىك قۇرت - ھاشاراتلارنى تۇتۇپ ئوزۇقلىنىدىغان پايدىلىق ھاشارات؛ جۇڭيى دورىسى قىلىنىدىغان ئاسپونگوپۇس قۇرتى (Aspongopus chinensis) ھەممىگە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەترەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۈرلىرى تەخمىنەن 30 مىڭ تۈر بولۇپ، ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ چوڭراق بىر تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ.