UyghurMain Dictionary
يېقىندىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن سەل ئىلگىرى، سەل بۇرۇنقى مەزگىلدىن، تېخى ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتىن.
يېقىندىن بۇيان. يېقىندىن بېرى.
بىۋاسىتە ھالدا؛ سەمىمىيلىك بىلەن، چىن ساداقەت بىلەن، ھەقىقىي كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق تۇيغۇسى بىلەن.
يېقىندىن ياردەملەشمەك. يېقىندىن ھەمكارلاشماق.
ئىزچىل تۈردە، بىۋاسىتە ھالدا، يېنىدا تۇرۇپ، داۋاملىق كۆز تىكىپ.
بىز ئۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق باشقا غەيرىي ئەھۋاللارنى سەزمىدۇق.