UyghurMain Dictionary
يىپلىق بۆلۈنۈش
بىئولوگىيە
<ۋاستىلىك بۆلۈنۈش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئو تەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاساسىي بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىدە ئۇرچۇقسىمان تەنچە ھاسىل بولىدۇ، بۆلۈنگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان ئىككى بالا (ئەۋلاد) ھۈجەيرىدە ئەجدادىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ساندىكى خروموسوما بولىدۇ. پۈتۈن بۆلۈنۈش جەريانى ئالدىنقى دەۋرى، ئوتتۇرا دەۋرى، كېيىنكى دەۋرى ۋە ئاخىرقى دەۋرىدىن ئىبارەت تۆت دەۋرگە بۆلۈنىدۇ.