Uyghur←ChineseMain Dictionary
يىپلىنىش دانىچىسى
Domain: بىئولوگىيە着丝粒
zhesīlì
خروموسومىنىڭ ئاساسىي بوغۇق ئىز ئورنىدا بولۇپ، يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە ئۇرچۇق يىپچىلىرى يېپىشىپ تۇرىدىغان ئورۇن. يىپلىنىش دانىچىسىنىڭ خروموسومىدىكى ئورنى، بۆلۈنۈشنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە خروموسومىنىڭ سۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى شەكلىنىڭ تاياقسىمان J ياكى V شەكىللىك بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خروموسومىدا پەقەت بىر دانىلا يىپلىنىش دانىچىسى بولىدۇ. ئىككى ياكى كۆپ دانە يىپلىنىش دانىچىسى بولىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. بەزى تۈرلەر، مەسىلەن، يېرىم قاناتلىقلار ئەترىتى، ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ خروموسومىسىدا كۆپ دانە يىپلىنىش دانىچىسى بولۇپ، خروموسومىنىڭ ئۇزۇن ئوقىنى بويلاپ تىزىلىدۇ، بۇ تارقاق تىپلىق يىپلىنىش دانىچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يىپلىنىش دانىچىسىنىڭ فۇنكىسىيىسى ئۇرچۇق يىپچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەمدە خروموسومىلارنىڭ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى سۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ سۇب مىكروسكوپلۇق تۈزۈلۈشى شۇكى، ئۇ ئېلېكترون زىچلىقى ئوخشىمايدىغان ئۈچ قەۋەتلىك ئايرىم - ئايرىم ئىككى دانە تېيىز ئىستاكانسىمان تەنچىدىن تۈزۈلىدۇ، ھەر قايسىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىردىن خروماتىد كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە بىر قانچىلىغان ئۇرچۇق يىپچىلىرى ئۇنىڭغا قادىلىپ تۇرىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.