Uyghur←ChineseMain Dictionary
يوتقۇنچاق يان تەنىسى
بىئولوگىيە
咽侧体
yāncètǐ
ھاشاراتلارنىڭ بىر خىل ئىچكى ئاجرىتىش ئورگىنى، ھاشاراتلارنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشى ۋە تېرە تاشلىشىنى كونترول قىىدىغان گورمون - لىچىنكا ئاسراش گورمونىنى ئاجرىتىدىغان مەركەز. ئېكتوبلاستتىن كېلىپ چىققان، مېڭىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، سىرتىنى بىر قەۋەت نىسبەتەن نېپىزرەك بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ئوراپ تۇرغان، ئىچىگە بەز تەنىسىنىڭ ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىلىرى جايلاشقان ئېللىپس ياكى شار شەكىللىك كىچىك تەنچىدىن ئىبارەت. زور كۆپچىلىك ھاشاراتلاردا جۈپ ھالدا يۈرەك يان تەنىچىسىنىڭ ئاستىغا چاپلىشىپ ياكى قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىككى يېنىنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. لېكىن يېرىم قاناتلىقلار، ئوخشاش قاناتلىقلار قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ يۇتقۇنچاق يان تەنچىسى قوشۇلۇپ بىر تەنگە ئايلانغان، يۇتقۇنچاق يان تەنچىسى ھاشاراتلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە دەۋرلىك ھالدا ئاجرىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئاجرالمىلىرىنىڭ رولى ھاشاراتلارنىڭ ئۆسۈش، تېرە تاشلاش ۋە تۇخۇمدانىنىڭ يېتىلىشىنى تەڭشەپ، ھاشارات تېرە تاشلىغاندا يېتىلگەن قۇرت شەكىل ھالەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تورمۇزلاپ ۋە لىچىنكا ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ تېرە تاشلىغاندىن كېيىنكى قۇرت ھالىتىنى يەنىلا ئاۋۋالقى قۇرت ھالىتىدە ساقلايدۇ. لېكىن ئەڭ ئاخىرقى بىرستادىيۇملۇق لىچىنكا تېنىدە يۇتقۇنچاق يان تەنچىسىنىڭ ئاجرىتىش پائالىيىتى توختايدۇ ياكى ئاجرالما مىقدارى نىسبەتەن ئازلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاشارات قورچاقتىن چىقىدۇ ياكى بىۋاسىتە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ.