Uyghur←ChineseMain Dictionary
يوشمۇرا توراتارو
دۇنيا تارىخى
吉村寅太郎
jí cūn yín tài láng
(1837 ـ 1863) ياپونىيە ئېدونىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچى زات. ئىسمى شىگېساتو بولۇپ، توراتارو دەپمۇ ئاتالغان. توسا ۋاسساللىقى تاكائوكا ۋىلايىتى كىتاگاۋا يېزىسىدكى شويا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا جايلاردا شويا (ئەمەل نامى - ت) بولغان. كېيىن ماگاساكى ئائوكىتامىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن. 1861 - يىلى تاكېچىتامايامادىكى تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلىگۈچىلەرنىڭ رادىكاللىرىدىن بولۇپ قالغان. 1862 - يىلى ۋاسساللىقتىن ئايرىلىپ، كيوتوغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شۇ يىلدىكى تىراتايا ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، توسا ۋاسساللىقىنىڭ تۈرمىسىگە قامالغان. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، يەنە كيوتوغا بېرىپ، پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، فۇجىموتو كانېئاتسۇ قاتارلىقلار بىلەن <جان تەڭرى ئىلكىدە گۇرۇپپىسى> نى قۇرۇپ، تۆرە ناكاياما تادامىتسۇنى ھىمايە قىلىپ، ئۇنى <تېننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى تەكلىگۈچى ئاۋانگارت> دەپ ئاتىغان. 9 - ئايدا، ياماتونىڭ گوجو دېگەن يېرىدە شوگنات لەشكەرلىرىگە قارشى يۈرۈش قىلغاندا، مەغلۇپ بولۇپ قازا قىلغان.