Uyghur←ChineseMain Dictionary
يورۇقلۇق دەۋرى ھادىسىسى
بىئولوگىيە
光周期现象
guāngzhōuqīxiànxiàng
بىر سوتكا ئىچىدىكى كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تۈننىڭ ئالمىشىشى يورۇقلۇق دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ يورۇقلۇق دەۋرىلىكىگە بولغان ھەر قانداق ئىنكاسى يورۇقلۇق دەۋرلىكى ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەلگىلىك يورۇقلۇق دەۋرلىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن چېچەكلەش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىشىنىڭ يورۇقلۇق دەۋرىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، ئۆسۈملۈكلەر تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. (1) قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك، بىر بۆلەك كۈندۈز بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىن قسىقا، تۈن بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىن ئۇزۇن (قاراڭغۇ مەزگىل چېگرا قىلىنىدۇ) بولغان مەزگىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سويا پۇرچاق، جۇخار گۈلى قاتارلىقلار. قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن كەڭلىكتىكى ئىسسىق بەلباغ رايونىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن مۆتىدىل بەلباغ رايونىدىكى باش باھار ياكى كەچ كۈدە ئېچىلىدىغان بەزى گۈللەردىن ئىبارەت. (2) ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈك؛ بىر بۆلەك كۈندۈز بەلگىلىك چەكتىكى كۈن ئۇزۇنلۇقىدىن ئۇزۇن، كېچە بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىن قىسقا بولغان مەزگىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مىڭدىۋانە، كۈزگى بۇغداي قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر كۆپلىگەن مۆتىدىل بەلباغ زىرائەتلىرى ۋە كەچ باھار بىلەن باش يازدا چېچەكلەيدىغان گۈللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) ئارا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك؛ بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر پەقەت مەلۇم دائىرىدىكى كۈن ئۇزۇنلۇقىدا چېچەكلەيدۇ، يورۇتۇش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى ئۇلارنىڭ چېچەكلىشى ئۈچۈن پايدىسىز. مەسىلەن، شېكەر قۇمۇشى، مىلان ۋە چۈچۈكبۇيا. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى ئاز. (4) ئوتتۇرا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك؛ چېچەكلەشتە كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا نىسبەتەن تەلىپى ئالاھىدە ھەمدە روشەن ئىنكاسى بولمايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ، مەسىلەن، كېۋەز، تەرخەمەك، پەمىدۇر قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، بەزى بۇغداي ۋە ئارپا سورتلىرى، ئۇچقۇلاق) ئالدىدا بىر بۆلەك قىسقا يورۇتۇش مەزگىلى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر بۆلەك ئۇزۇن يورۇتۇش مەزگىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەيدۇ، بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر قىسقا ۋە ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بەزى ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، كۆكمارال ئائىلىسىدىكى چوڭ يوپۇرماقلىق ئۈندى يوپۇرماق، تىلوسىما گۈلى قاتارلىقلار) ئالدىدا بىر بۆلەك ئۇزۇن كۈنلۈك يورۇتۇش مەزگىلى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر بۆلەك قىسقا كۈنلۈك يورۇتۇش مەزگىلىدىن ئۆتكدندىن كېيىن چېچەكلەيدۇ، بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۇزۇن ۋە قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. مەيلى ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈك ياكى قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك بولسۇن، ئادەتتە بەلگىلىك ساندىكى ئۇزۇن كۈن ياكى قىسقا كۈندىن كېيىن چېچەكلەيدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئۇزۇن ياكى قىسقا كۈندە تۇرۇشى ھاجەتسىز. قىسقا كۈنگە سەزگۈر ئۆسۈملۈك بۇدۇشقاق ھەتتا بىر قىسقا كۈن ئۇزۇن تۈن دەۋرىلىكىدە چېچەكلەيدۇ. يورۇقلۇق دەۋرىلىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىشى، زاپاس ساقلىغۇچى ئورگانلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، غولىنىڭ ئۇزىرىشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە باغۋەنچىلىكتە يورۇتۇش ۋاقتىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇزارتىش ياكى قىسقارتىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىشى كونترول قىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
光周期现象
guāng zhōu qī xiàn xiàng