Uyghur←ChineseMain Dictionary
يورىكا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
尤里卡起义
yóu lǐ kǎ qǐ yì
1854 - يىلقى ئاۋسترالىيە قىتئەسىنىڭ ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونىدىكى ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرىشى. 1851 - يىلى ۋېكتورىيە مۇستەملىكە رايونىدا ئالتۇن تېپىلغان، مۇستەملىكە دائىرىلىرى ئالتۇن قازغۇچىلار جەزمەن گۇۋاھنامە ئېلىشى، ھەربىر كىشى ھەر ئېيىغا 30 شىللىڭدىن گۇۋاھنامە ھەققى تۆلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغانلار جەرىمانە تۆلەيدۇ ياكى قاماققا ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ ئالتۇن قازغۇچىلارنى خالىغانچە تەكشۈرۈپ تۇتقان. ئىشچىلار بۇنىڭدىن نارازى بولغان. 1854 - يىلى 10 - ئايدا، باللارات (مىلبورىننىڭ شەرقىدە) تىكى يورىكا مېھمانخانىسىدا بىر ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئىشچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 11 - ئايدا، ئالتۇن قازغۇچى ئىشچىلار باللارات ئىسلاھات ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئالتۇن كېنىنى ئىسلاھ قىلىشنى، تۇتقۇن قىلىنغان ئىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوراللىق كۈرەش تەشكىللەنگەن. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھەربىي، ساقچىلارنى ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇرغان.