UyghurMain Dictionary
يورىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈردى، ماڭدى.
ئەر يورىدى _ ئادەم يۈردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ يۈرۈشگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( يورىر _ يورىماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تۈنلە يورۇپ كۈندۈز سەۋنۈر كىچىكدە ئەۋلەنىپ ئۇغازۇ سەۋنۈر _ كېچىلەپ يۈرسە كۈندۈزى سۆيۈنەر، كىچىك ئۆيلەنسە ياشانغاندا سۆيۈنەر. يەنى كېچىسى يول ماڭسا كۈندۈزى خوشال بولىدۇ، چۈنكى ماڭغان يولى كۆزگە كۆرۈنمەي قالىدۇ؛ ياشلىقىدا ئۆيلەنسە ياشانغاندا خۇشال بولىدۇ، چۈنكى بالىلىرى ئۇنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدۇ - دە، ئۇ ئارام ئېلىپ قالىدۇ.
3 - 118