Uyghur←ChineseMain Dictionary
يولىئوت كيۇرې
دۇنيا تارىخى
约里奥_居里
yuē lǐ ào _jū lǐ
(1900 - 1958) فرانسىيىلىك فىزىك، ئىلغار جامائەت ئەربابى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فىزىكا ۋە خىمىيە ئىنستىتۇتى، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇغان. 1926 - يىلى فىزىكا ئالىمى كيۇرى خانىمنىڭ چوڭ قىزى ئېرېنې كيۇرې (1897 - 1956) بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ئاتوم فىزىكىسىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلغان. 1935 - يىل ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1937 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1942 - يىلى فرانسىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. 1944 - يىلى 8 - ئايدا پارىژ قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىل فرانسىيە ئاتوم ئېنېرگىيىسى كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1946 - يىلى فرانسىيىنىڭ ب د ت خەلقئارا ئاتوم ئىنېرگىيە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىلمىي مەسلىھەتچىسى بولغان. 1948 - يىلى فرانسىيىنىڭ تۇنجى ئاتوم رېئاكتورى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. دۇنيا تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىنىڭ بىرى. 1947 - يىلى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يىغىنى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1951 - يىلى دۇنيا تىنچلىقى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.