UyghurMain Dictionary
يولداش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول - سەپەردە بىللە يۈرگۈچى.
سەپەرگە ھەمراھ كېرەك، تىرىكچىلىككە ياردەم. يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس. سەپەرگە ھەمسەپەت كېرەك. سەپەردىشىڭ ئىت بولسا، قولۇڭدا كالتەڭ بولسۇن. سەيلىگە چىقساڭمۇ جورا تاپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يولى، نىيىتى بىر كىشىلەر، بىر سەپتە بولغان كىشىلەر.
<يولداش> نىڭ مەنىسى كەڭ ۋە ئومۇمىي. <ۋەتەنداش> مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. چاقىرغاندا ياكى نوتۇقتا قاراتما سۆز بولىدۇ.
يولداش دەپ ئاتاش يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. مەسلەكداش بولۇش - مۇھەببەتنىڭ ئاساسى. سەپداش بولالىغان دوست - ھەقىقىي دوست. ھەي، ئارقاداش، سۇيۇقئاشتىن قاچ، بىزگە كەلسۇن پولۇ - ئاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سەپەر، ساياھەت، يۈرۈش ئىشلىرىدا بىللە بولغان كىشى؛ ھەمراھ.
كۆچمە. جۈپتى، ھەمراھى (ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
- ئۇ ياق مېنىڭ يولدىشىم، - دېدى ئايال ماڭا قاراپ.
مەلۇم مەقسەت نىشان ئۈچۈن بىللە كۈرەش قىلغۇچى.
بەزى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ بىر - بىرىنى چاقىرىش ئادىتى.
يولداش، سىز نەگە بارىسىز؟
<ئانات> ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان، ھامىلىنى ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان؛ ئەش.
بالىنىڭ يولدىشى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
بىر يولدا ماڭغۇچى، يول بىر يونۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، مەنىسى: ئۇلپەت
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
بىر يولدا ماڭغۇچى، مەسلەكداش، پىكىرداش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بىر يولدا ماڭغۇچى، مەسلەكداش، پىكىرداش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئاتىسى ياكى ئاكىلىرىغا ھەمراھ بولسۇن، دېگەن مەنىدە. باشقا شەكىللىرى: يولداشبەگ، يولداشجان.