UyghurMain Dictionary
يول
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. يەرنىڭ ئادەم ۋە قاتناش قوراللىرى يۈرىدىغان، قاينايدىغان قىسمى.
چوڭ يول، چىغىر يول.* تاشيول، تۆمۈر يول. * كەڭ يول. * ھاۋا يولى، سۇ يولى، تاغ يولى.* يول ئاچماق، يول باسماق. * يول باشلىماق، يول توسماق. * يول قويماق، يول بەرمەك. * يولغا قويماق، يولغا چۈشمەك. * يولنى يۈرگەن يېڭىدۇ (ماقال). * قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).
2. قائىدە - يوسۇن، تەرىقەت. يوللۇق، يولسىز. * قولنى قول تونۇيدۇ، شەرىئەت يولىنى (ماقال). * يولدىن چىقما، خاندىن قورقما (ماقال).* بەتنىيەتنىڭ يولى تار (ماقال).
ھەممىگە ئامانلىق تىلگۈچى بول،
شۇنداق ئاداۋەتكە قالمايدۇ يول.
3. سەپەر. يول بولسۇن. *يول بولغاي.* يول خېتى، يول خىراجىتى. * يولغا سالماق. * يولدىن قويماق، يولدىن قالماق. * يول ئازابى گۆر ئازابى (ماقال). * يول سورىماق، يولغا چىقما (ماقال). * يولغا چىقساڭ، يولدا تاپ (ماقال).
4. ئەدەب - ئەخلاق، ئىنتىزام. يولدىن چىقماق. * يامان يولغا كىرىپ قالماق. * يامان يولغا باشلىماق. * يامان يولدىن قايتماق. *ئۇ خۇتۇن - يولدىن چىققان خۇتۇن.
5. چارە، ئامال، ئىلاج، ئۇسۇل. يول تاپماق، يول كۆرسەتمەك، يول توتماق. * تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلماق. * ھەر ئىشنىڭ يولى بار، ھەر تامنىڭ ئۇلى بار (ماقال).
گەر تاپسا موھتاج بولماسلىق يولىنى،
پۇقرا ۋە شاھتا ئۇزاتماس قولىنى.
6.قاتار سىزىق، بەلگە. ئاق، قىزىل يولى بار رەخت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
قېتىم، نۆۋەت، دورام.
بۇ يول مەن باراي، كېلەر يول سەن كەل. * بۈگۈن مەن ئۆيگە ئۈچ يول سۇ توشۇدۇم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
باغلىغۇچى.
«ئۈچۈن» رولىدا كېلىدۇ.
ۋەتەن يولىدا جېنىم پىدا. * مىللەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆلسەم رازىمەن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يول.
چارە، ئۇسۇل.
مەزھەپ، ئېتىقاد.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېزىقتا ماقالە ۋە ئەسەرلەرنىڭ ھەربىر ئابزاسى باشلانغان قۇر.
باش قۇردىن باشلا. يېڭى يولدىن يېزىلغان جۈملە. قۇربېشى بىر ئابزاسنىڭ باشلىنىدىغان يېرى بولۇپ، ئابزاس خاس مەزمۇنغا ئىگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىدىيە، سىياسىي ۋە خىزمەت جەھەتتە ئەمەل قىلىنىدىغان يول.
ئاساسىي لۇشىيەن تەربىيىسى چوڭ ئۈنۈم بەردى. پارتىيىمىزنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت. خىزمىتىمىزدە ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش لازىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ تۇرمۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىلمىي مەسىلىلەردە قۇۋۋەتلىگەن سىستېمىلىق نەزەرىيە، تەشەببۇس.
<ئىزم> يالغۇز كەلمەيدۇ. <چىلىك / چىلىق> قا ئوخشاش قوشۇمچە سۆزگە ئۇلىنىپ. شۇ <مەسلەك>، <يول> مەنىسىنى بېرىدۇ.
مەسلەكتە چىڭ تۇر، چۈنكى ھاياتتىن قىممەت، رازى بول كەتسمۇ جان، شەنىمىز پاك قالسا پەقەت. ماركىسىزم - لېنىنىزم ئومۇمىي ھەقىقىتىنى كونكرېت ئەھۋالغا بىرىكتۈرۈش لازىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئومۇمىي قائىدە - يوسۇن.
يولدىن چىقما. خاندىن قورقما. ۋالىيىڭدىن چىقمايمەن، دوتىيىڭدىن قورقمايمەن. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش ياكى سەيلە - ساياھەت ئۈچۈن بىر يەردىن يەنە بىر يەر (ئادەتتە يىراقراق مۇساپە) گە بارماق.
يول ئازابى - گۆر ئازابى. يول سورىماي يولغا چىقما. ئۆز يولۇڭدىن قالما، كىشىلەر نېمە دېسە دەۋەرسۇن. ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى لازىم ئەمەس. ئۇزۇن سەپەر مۈشكۈل بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇرۇنقى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى، 500 مېتىرچە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى 8639 يول كېلىدۇ. ئەقىلدىن ئازغاندىن ئىككى چاقىرىم قاچ. ئات ھارۋىسى كۈنىگە ئاران 40 - 30 پوتەي يول يۈرىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يول.
سەپەرگىمۇ « يول» دېيىلىدۇ. ئاڭار يول چىقتى _ ئۇنىڭغا يول چىقتى، ئۇ سەپەرگە چىقىدىغان بولدى. بۇ تۇيۇقسىز سەپەر چىقىپ قالغانلىققا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 197
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يول - شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يول - مۇساپە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، تۇرپان، قۇمۇللاردا ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ، كەلمەكتە. پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يول 300 غۇلاچقا باراۋەر كېلىدىكەن. غۇلاچ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر غۇلاچ 1.66 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. مۇشۇ بويىچە <يول> نى مېترغا سۇندۇرساق، بىر يول تەخمىنەن 500 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. ئىچكى جايلاردا قوللىنىلىپ كەلگەن <لى> (里) مۇ 500 مېترغا تەڭ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① ساياھەت؛ ② شۆھرەت، نام - ئابروي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ياكى ترانسپورت قاتنىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۇزۇن يەر بۆلىكى.
تۆمۈر يول. چىغىر يول. ھارۋا يولى. چوڭ يول.
ھەرىكەت يۆنەلگەن تەرەپ، يۆنىلىش؛ نىشان.
يول باشلىماق.
ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا خىزمەت قىلىدىغان سىم، تۇرۇبا قۇرۇلمىلىرى، لىنىيىسى.
گاز يولى. توك يولى. يۇندا يولى.
سەپەر قىلىش، بىرەر ياققا بېرىش، ساياھەت.
يول تەييارلىقى. يول خىراجىتى.
بېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىل؛ مۇساپە.
ئۈچ ئايلىق يول.
رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە چۈشۈرۈلگەن پاراللېل، تىك ھالەتتىكى سىزىق، ئىز.
بىر يولى قارا. بىر يولى كۆك چىت.
زىرائەت، يازما، باسما ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر قاتارى؛ قۇر.
ئۈچ يول خەت.
كۆچمە. غايىۋى يۆنىلىش، دۇنيا قاراش؛ مەسلەك، مەزھەپ.
ئىككى يول كۈرىشى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسى؛ ئۇسۇل، چارە، تەدبىر، ئامال.
يول تاپماق.
ئەنئەنىۋى ئادەت، قائىدە - يوسۇن؛ شەرىئەت؛ قانۇن.
يولدىن چىقماق. يولدىن ئازماق.
رىئايە، ھۆرمەت، ئىمكان، مەدەت، ئىجازەت.
يول قويماق.
ئەقىل، مەسلىھەت.
يول كۆرسەتمەك.
مەرتە، قېتىم، نۆۋەت.
ئۇ ئايتۇراخان ئاچىققان ئىككى چېلەكنى قولىغا ئېلىپ، كۆلدىن بىر يول سۇ ئەكەلدى.