UyghurMain Dictionary
يۆلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۆرەلگەن، يىقىلغان ياكى ئۆرۈلۈش، يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان نەرسىنى قول، مۈرە قاتارلىقلار بىلەن تۇرغۇزۇش، ئۆرە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق؛ ئۆرە قىلماق، تۇرغۇزماق.
ھاكىمجان يۈگۈرۈپ بېرىپ دادىسىنىڭ بېشىنى يۆلىدى.
تىكلىمەك، تىرەپ قويماق.
قىز يەردە ياتقان ۋېلىسىپىتنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.
يېنىغا، ئەتراپىغا توپا قاتارلىقلارنى دۆۋىلىمەك، ئۈستى - ئۈستىگە قويماق.
ياڭيوغا توپا يۆلىمەك. قوناققا توپا يۆلىمەك.
كۆچمە. ياردەم بەرمەك، ھەمدە بولماق، قوللىماق.
كەمبەغەللەرنى يۆلىمەك.
كۆچمە. ئارتماق، ئىتتىرىپ قويماق، تاقىماق.
قازى، بوجاڭ، شاڭيولار مىنگەن ئىدى يوغان ئات. دىنغا يۆلەپ بىزلەرنى ئەزگەنىدى قاتمۇقات.