UyghurMain Dictionary
يىمىرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خېمىر قاتارلىقلارنى قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك، پىشۇرماق.
خېمىرنى يىمىرمەك.
قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار بىلەن سىقىپ، مۇجۇپ ئېزىپ ئۇۋىماق، ئېزىلگەن، مۇجۇلغان، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تاشنى يىمىرىپ ئۇۋاپ، يەنە بىر قولىنى قۇمغا پاتۇرۇپتۇ.
قاش - كۆز، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك، پۈرمەك ياكى يېنىك تۈرمەك.
- ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ.
كۆچمە. ئاغدۇرماق، يوقاتماق، ئاجىزلاشتۇرماق، غۇلاتماق، ۋەيران قىلماق.
بىز ئاخىرى فېئولدالىزم تۈزۈمىنى يىمىرىپ تاشلىدۇق.