UyghurMain Dictionary
يىلتىز تۈگۈنى
بىئولوگىيە
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن باشقا بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى تۈگۈنسىمان تۈزۈلۈش، ئۇنى يىلتىز تۈگۈنى باكتېرىيىسى ياكى باشقا مىكرو ئورگانىزملار ئۆسۈملۈك بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز تۈكى ئارقىلىق يىلتىز ئىچىگە كىرىپ قوۋزاق قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدە كۆپىيىدۇ، قوۋزاق قەۋەتتىكى ھۈجەيرە غىدىقلىنىپ بۆلۈنۈپ يىلتىز تۈگۈنىنى ھاسىل قىلىدۇ. يىلتىز يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسىنى ئېھتىياجلىق بولغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يىلتىز تۈگۈن باكتېرىيىسى ھاۋادىكى ئەركىن ئازوتنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۆسۈملۈكنى ئازوتلۇق بىرىكمىلەر بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇپراقنىڭ ئوغۇتلۇق كۈچىمۇ ئاشىدۇ.