UyghurMain Dictionary
يىللىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىر يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ئەھۋاللارغا ئائىت، كۆرسىتىلگەن يىلغا، شۇ يىلدىكى ئەھۋال - ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك.
ئۇ چاغدا بىزلەردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنىۋاتاتتى.
سۈپ. مىقدار ۋە ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ <شۇنچە يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ شۇنچە يىل داۋام قىلىدىغان ياكى قىلغان؛ شۇنچە يىل بولغان> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئاخىرى مېنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ۋاقتىم توشۇپ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم.
ئى <مائار> مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يىل چەكلىمىسى ئاساسىدا بۆلۈنگەن دەرىجە ئايرىمىسى.
92 - يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپ. 3 - يىللىق 2 - سىنىپ.
ئى. يىل بويى سەرپ قىلغان مېھنىتى، ئەمگىكى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھەق، مائاش.
قوناق بىلەن يارچەنگە، بىر يىللىقىم كېتىدۇ. يەتتە يىللىق ئىش ھەققىم، ماڭا پۈتۈن قايتىدۇ.
ئى. بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ كۆرسىتىلگەن ياكى سۆزلەنگەن يىلغا توشقانلىق خاتىرە كۈنى ياكى خاتىرە يىلى.
ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى.