Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېلاچىچ
Domain: دۇنيا تارىخى耶拉契希
yē lā qì xī
(1801 - 1859) كىرودىيە گېنېرالى. گىراف. 1819 - يىلى ۋېنا قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتتۈرگەن. ئاۋسترىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1841 - يىلى پولكوۋنىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1848 - يىلى گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلگەن. كىرودىيە مىللىي ھەرىكىتى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، ئوڭ قاناتلارغا تەۋە بولغان. 1848 - يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىنىپ، كىرودىيىدىكى ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان. 4 - ئايدا يانچىلارنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، پومېشچىكلارنىڭ ئەرز - شىكايەت تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى كىرودىيىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە تەلىپىنى رەت قىلغان چاغدا، ئاۋسترىيە خاندانلىقى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. 9 - ئايدا 40 مىڭ كىشىلىك كىرودىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ دراۋا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ۋېنگرىيە ئىنقىلابىي ۋە ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە كىرودىيە دېھقانلار ھەرىكىتىنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.