UyghurMain Dictionary
يېيىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يايماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى.
كۆچمە. تارالماق، ئەتراپقا تارىلىپ ھەممە ياقنى بىر ئالماق، ھەممىگە ئاڭلانماق ياكى ھەممىگە مەلۇم بولماق.
بۇ خەۋەر ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈن مەكتەپكە يېيىلدى.
كۆچمە. قاپلىماق، باسماق، ئەتراپىنى ئۆزىنىڭ ھالىتىگە كەلتۈرمەك (نۇر ياكى قاراڭغۇلۇق ھەققىدە).
ئاستا - ئاستا تولۇن ئاينىڭ ئاقۇچ نۇرلىرى ئەتراپقا يېيىلدى.
كۆچمە. خۇشال بولماق، روھىي جەھەتتىن ئازادىلىك ھېس قىلماق، خۇشال - خۇرام يۈرمەك.
بۇنى لەيلى كۆرۈپ كۈلدى، يېيىلدى، نە كۈلدى خۇددى بىر گۈلدەك ئېچىلدى