Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېڭى ياكوبىنچىلار
Domain: دۇنيا تارىخى新雅各宾派
xīn yǎ gè bīn pài
ⅩⅨ ئەسىردە فرانسىيىدىكى ئۇششاق بۇردۇئا دېموكراتىيىچىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلىرىنىڭ مەزھەپ تەشكىلاتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى 1793 - 1794-يىللاردىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ۋارىسى دەۋالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، تۈرلۈك دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە دەھرىي مائارىپىنىڭ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بىراق پورلېتارىياتنىڭ سىنىپىي كۈرىشى، سوتىسيالىستىك ئىدىيىسى ۋە بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قارىتا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلىدىن دېلېسكلۇزې، پېئا ۋە گامبان قاتارلىقلار بار. پارىژ كوممۇنىسى دەۋرىدە بلانكىزمچىلار بىلەن بىللە كۆپ سانلىقلار بولۇپ ئۇيۇشقان ھەمدە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ تەسىرى كېيىنكى كۈنلەردە بارا - بارا يوقىلىپ كەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.