UyghurMain Dictionary
يېگۈلۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يېيىشكە لايىق نەرسە؛ ئوزۇق - تۈلۈك، تائام، يېمەكلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشۇرۇلغان يېمەكلىك.
ئاش يېگەن قۇتۇلۇپ، تاۋاق يالىغان تۇتۇلۇپتۇ. ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ. ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرمە. ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىپتۇ. ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز. دوختۇرنىڭ قېشىغا بارماي دېسەڭ، تاماقنى ئاز يە. ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام. ئىزا تارتقىنىم، غىزا تارتقىنىم. يېگۈدەك ئوقەت يوق ئۆيدەك جېدەل توختىماس. ئۆيدە يېمەك يوق قالدىم ئاچ، ئوقەت يەپ ئاندىن قاچ. يېگۈلۈك يوق يەردە جان يوق.
شىۋىلەر
تاماق، يېمەكلىك. مەسىلەن: بىرى يەنە بىرىگە يېگۈلۈك تۇتۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەيدىغان نەرسە، قورساق تويغۇدەك نەرسە، يېمەكلىك.
- ئەي ئاشىق، - دەپتۇ مەلىكە، - يەيدىغان نەرسىلەر تۈگىدى، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يېگۈلۈك تېپىپ كېلىڭ.