UyghurMain Dictionary
يىگىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم.
«ئەسكەر»، «جەڭچى» ئاكتىپ سۆزلەر، قالغانلىرى پاسسىپ سۆزلەر.
ھەممىلا ئەسكەرنىڭ مارشال بولالىشى مۇمىكىن. بىر چېرىك قوشۇن بولالماس. لەشكەرنىڭ ھەممىسى بولالماس باتۇر، دەشتتە شىر، بۆرە ھەم قاشقىر باردۇر. گېنېرال بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان جەڭچى ياخشى جەڭچى ئەمەس. يىگىت بولساڭ، يىگىتلىكىڭ بىلەن تونۇل نادان خاننىڭ نۆكىرىمۇ نادان. سىپاھنىڭ چېيى تاتلىق بولسا ئەگەر، ئۇندا شان ئەمەس، رەسۋالىق كۆپىيەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جىنسىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئەر، ئەركەك كىشى.
ھەلىمىخان پاسىل تامدىن ئاتلاپ چۈشتى، يىگىتلەر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.
ئوغۇل پەرزەند، ئوغۇل بالا.
- ئەمدى بىر يىگىتكە ئاتا بولدۇم.
كۆچمە. قەيسەر، باتۇر، يۈرەكلىك ئادەم ياكى شۇنداق ئەركەك.
بىر ئىشقا بەل باغلاپ يېرىم يولدىن قايتقان كىشىنى يىگىت دېگىلى بولامدۇ؟
شەخس بىلەن تۈرلىنىپ <قىزنىڭ سۆيگەن كىشىسى، يارى، لايىقى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ قارىغۇدەك بولسا، دېگەندەك ئۆزىنىڭ يىگىتى ئىكەن.
بىرەر قوشۇنغا مەنسۇپ بولغان ئەر كىشى.
ئاسىم ئۆزىنىڭ پارتىزان يىگىتلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى.
ئۆزىگە نىسبەتەن ياش، ياش جەھەتتىن كىچىك بولغان ئەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش، چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئەمىر باھاۋۇدۇن ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ سورىدى: - ئەي يىگىت! سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمىدىڭ؟!
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچلۈك، قۇرقۇمسىز، قەھرىمان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كۈچلۈك، يۈرەكلىك، قەھرىمان، ئالپ؛ جۇشقۇن ياش ئەركەك.