UyghurMain Dictionary
يېغا ياندىن قوپار بالا قېرىنداشتىن
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، يېقىن كىشىلەرمۇ دوست - بۇرادەر، قېرىنداشلىرىغا ئاسىيلىق قىلىپ، كۆڭۈل ئاغرىقى، بەختسىزلىك كەلتۈرىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: قوغۇننىڭ ئىچىدىن ئاردىغىنى يامان. مەن ئۆز ئىچىمىزدىن مۇنداق ئادەملەرنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن. «يېغا ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن» دېگەن راست گەپ ئىكەن.