UyghurMain Dictionary
يىغا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق جاپا ۋە ياكى غەمدىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزدىن ياش چىقىش، ھۆڭگىرىگىتىپ يىغلاش.
ئانىغا يىغا، بالىغا كۈلكە. بوۋاينىڭ ناخشىسى زار بىلەن توختايدۇ. تۈلكىنىڭ توۋىسى، مۇغەمبەرنىڭ نەۋھىسى. ئۆلۈم ئۇزاتقاندا يىغا - زار قىلىش بىر ئادەت، يىغا - زاردىن كىمنىڭ ئېچىنغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى بىلگىلى بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قايغۇ - ھەسرەتتىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆزگە ياش ئېلىش ئىشى.
كۈلكە
خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق مىمىكىسى ۋە ئاۋازى.
قىڭغىر ئېغىز كۈلكىنى يوشۇرالماس. قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا. ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار. ئانىغا يىغا، بالىغا كۈلكە. كۈلكىسى يوق توي بولماس، يىغىسى يوق ئۆلۈم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆزدىن ياش تۆكۈش، يىغلاش.
ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار (ماقال).
كۆچمە. دەرد - ئەلەم، ھەسرەت، بىرەر ئىشتىكى مۈشكۈلچىلىك، قىيىنچىلىق.
- ھازىرمۇ ئوخشاشلا كەمبەغەلنىڭ يىغىسىنى ھېچكىم ئاڭلىمايدىكەن.