UyghurMain Dictionary
يەتتە شەھەر خانلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1867 - 1878)قوقانلىق ئوفېتسىر ياقۇپبەگ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن قۇرغان يەرلىك مۇستەملىكە ھاكىمىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەتتە شەھەر قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، يەكەن، كۇچا، يېڭىسار ۋە ئۇچتۇرپاندىن ئىبارەت يەتتە شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا ئايرىپ بەردى. ئۇ يەرلەردىكى ئادەملەر ئۇلارنىڭ قۇلى بولدى. ھەممە كىرىم ھۆكۈمرانلارنىڭ چۆنتىكىگە كىردى. ئىسلا دىنى كۈچەيتىلىپ، شەھەر، يېزىلاردا مەھىمە شەرئىلەر قۇرۇلدى. شەرىئەت مەجبۇرىي يولغا قويۇلدى. مەھكىمە شەرئى بىر نەچچە قازىدىن تەركىب تاپتى. ياقۇپبەگ قازى كالان، قازى ئەسكەر ۋە قازى رەئىس بولدى ھەمدە ئاھالىنىڭ ۋە يېزىلارنىڭ زىچلىق دەرىجىسىگە قاراپ، يەرلىك قازى تەيىنلىدى، بىردىن مۇفتى سەپلىدى. يەرلىكتىكى سوراق - ھۆكۈم ھوقۇقىنى شۇلار ئىجرا قىلدى. رەئىس تۈزۈمىنى يولغا قويدى. رەئىسلەر قولىغا دەررە ئېلىپ پۇقرانى خالىغىنىچە ئۇردى (مەسىلەن، ۋاقتىدا ناماز ئوقۇمىغان ئەرلەرنى، چۈمبەل تارتماي كوچىغا چىققان ئاياللارنى كۆرگەن يېرىدە ئۇردى)، سەدىقە تۈزۈمىنى مەجبۇرىي يولغا قويدى، باج ئالدى. مەسچىتلەرنى سالدى، مازارلارنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە كېڭەيتتى؛ مەدرىسە ئىگىىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى. غەيرىي مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلىدى. ئەنگلىيە، رۇسىيە جاھانگىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈردى. ئۇلار بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، ئىشغال قىلىۋالغان زېمىننى ئەنگلىيە، رۇسىيىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ بەردى. 1898 - يىلى (گۇاڭشۈينىڭ 4 - يىلى) چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنى ھۇجۇم قىلىپ، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى ياندۇرۇۋالدى. يەتتە شەھەر خانلىقى يوقىتىلدى.