UyghurMain Dictionary
يەتمىش يەتتە دۆلەت گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرگە ۋە جاھانگىرلىكنىڭ كونترول قىلىشى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە تالان - تاراج قىلىشىغا قارشى كۈرەش داۋامىدا بارا - بارا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي تاپقان بىر گۇرۇھ. 1964 - يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جەنۋەدە چاقىرىلغان 1 - نۆۋەتلىك <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى> دا، <77 دۆلەتنىڭ بىرلەشمە خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇشۇ 77 دۆلەت ۋە رايون <77 دۆلەت گۇرۇھى> دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى چاقىرىلىشتىن بۇرۇن، <77 دۆلەت گۇرۇھى> بىر قېتىم مىنىستىرلار يىغىنى (<تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئۆتكۈزۈپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەيدانىنى تەڭشەپ، بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 1967 - يىلى 10 - ئايدا ئالجىرىيىنىڭ پايتەختى ئالجىردا بىرىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 2 - نۆۋەتلىك سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىغا بىرىلىدىغان تەكلىپ سۈپىتىدە <ئالجىر ئاساسىي نىزامى> ماقۇللانغان. 1971 - يىلى 10 - ئايدا پېرونىڭ پايتەختى لىمادا ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن <لىما خىتابنامىسى> ماقۇللانغان. 1976 - يىلى 2 - ئايدا فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، <مانىلا خىتابنامىسى> ۋە <ھەرىكەت پروگراممىسى> ماقۇللانغان. 1979 - يىلى 2 - ئايدا تانزانىيىنىڭ ئارۇشا شەھىرىدە تۆتىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، <ئارۇشا خىتابنامىسى> ماقۇللىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. بەشىنچى قېتىملىق يىغىن 1983 ـ يىلى 4 ـ ئايد ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى - بۇئېنوس - ئايرىستا ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىنغا 125 دۆلەت قاتناشقان. بىراق يەنىلا <77 دۆلەت گۇرۇھى> دېگەن نام ئىشلىتىلگەن.