UyghurMain Dictionary
يەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يەتمەك، يېتىش. 1. كۆزلىگەن يەر، نىشان ۋە مەقسەتكە ئېرىشمەك.
بىز مەقستىمىزگە چوقۇم يېتىمىز، بىز مەقسىتىمىزگە چوقۇم يېتەلەيمىز. * بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. * بىز ئاخىر ئۈرۈمچىگە تۆت كۈندە يەتتۇق.
2. يېتىشمەك، چىقماق. ئالغان ئىش ھەققىمىز بىر ئايغا يېتىدۇ. * بۇ گۈرۈچ بىر قېتىم پولۇ قىلىشقا يېتىدۇ. * بۇ رەخت بىر شىمغا يېتىدۇ. * بۇ ئىشقا بىر كۈن يېتىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
بۇ «پ» لىك رەۋشىداشلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ تولۇق ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
ئۇلار سائەت 8 دە ئۇلارنى قوغلاپ يېتىپتۇ.