يەر تەۋرەش[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان يەر پوستىنىڭ تەۋرىشى. پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە قاراپ ئۆرۈلۈشلۈك يەر تەۋرەش، يانار تاغلىق يەر تەۋرەش ۋە تۈزۈلمىلىك يەر تەۋرەش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پۈتكۈل يەر شارىدىكى 59 % دىن ئارتۇق يەر تەۋرەش تۈزۈلمىلىك يەر تەۋرەشكە ياتىدۇ.