UyghurMain Dictionary
يەرلىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قەبرە، گۆر، لەھەت.
يەرلىك كولىماق. * يەرلىكىگە قويماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («يەر» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىك» قوشۇلغان).
مەلۇم يەرگە خاس.
يەرلىك ئاھالە. * يەرلىك ھۆكۈمەت. * يەرلىك كادىر. يەرلىك كېسەل. * يەرلىك ئۆسۈملۈك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېيىت كۆمۈلىدىغان ئۆرەك.
«ئاگاي» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
خەقنىڭ گۆرىگە خەق كىرمەيدۇ. ئىچى تارنىڭ گۆرى تار، قەبرە تېشىمغا شائىر دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلمايمەن. قەبرەڭدىن توڭگۇز قويسۇن قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق. ياماننىڭ يەرلىكى تار. ئۈستىنى گۈل قاپلاپ، ياشناپ تۇرمىسا گۆر، لەھەت ئىچرە قۇرۇپ ياتقان گۈلنى كۆر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېرى بار، يەرگە ئىگە.
شۇ يەردىكى، شۇ يەردە قوللىنىلىدىغان.
يەرلىك خەلق. يەرلىك ئۇسسۇل. يەرلىك سۆز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆلگەن ئادەمنى كۆمۈش ئۈچۈن تەييارلانغان جاي؛ گۆر.
يەرلىك كولىماق. يەرلىكىدە قويماق.