UyghurMain Dictionary
يەرگە ئۇرماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
ماختىماق، داڭلىماق، داملىماق، شىيلىماق، كۆككە كۆتۈرمەك
ياخشى سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە. ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. بەزىلەرنىڭ ماختىغىنى دادلىغىنىدىن يامان. ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە دادلاپتۇ. داملىغىلى يات يەر ياخشى. ئېشەك قۇلىقىنى داڭلار. شىيلىغانغا شىر كۆنۈك. يارىمنىڭ تىللىغىنى - چىللىغىنى. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، ھاراق ئىچكەندە سۆيۈپتۇ. ماختىغاننى كەمسىت، تىللىغاننى ماختا. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
كەمسىتمەك، مەسخىرە قىلماق، ئىناۋىتىنى تۆكمەك: شاھزادىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتىپ كېلىشى ۋەزىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كەمسىتمەك، مەسخىرە قىلماق، ئىززەت - ئابرۇيىنى تۆكمەك، ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەك.
شاھزادىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتىپ كېلىشى ۋەزىرنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرغانىكەن.