UyghurMain Dictionary
يەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەر، زېمىن، تۇپراق:
ئورۇن، جاي، ماكان.
دەرىجە، مەرتىۋە.
1. ئەگەر يۈز يىل ئەمىرى سەلتەنەت ئەۋجىگە يەتكەندە،
ۋۇجۇدۇم فانى ئەيلەپ، يەر يۇتۇپ قىلغاي ئانى مەھكەم.
ئەرشى.
يەر يۈزى، ئالەم، دۇنيا؛ مەملىكەت، ۋەقەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر بوشلۇق، بۆلەك، بىر قىسىم.
جاي بەرگەنگە جان بەر. ئورۇننىڭ تارلىق، كۆڭۈلنىڭ تارلىقى خورلۇق. ئورۇن ئادەم كۆركى ئەمەس، ئادەم ئورۇن كۆركى. ئەقىل بار يەردە يول بار. پەن ھەممە يەردە ماكان تۇتىدۇ، بىراق ئۇرۇق سېلىمىغان يەر ھوسۇل بەرمەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېرىلغۇ قىلىنىدىغان ياكى تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان جاي.
يەر - دېھقانغا قۇت، ھورۇنغا جۇت. ئاتاممۇ يەر، ئاناممۇ يەر. يەر - قاققان قوزۇق. شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. 14 مىليون نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كۋادرات كىلومېتىر يەرگە 6.8 ئادەم توغرا كېلىدۇ. لېكىن تېرىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان يەر كۆپ ئەمەس. زېمىن - ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك - ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يەر شارى، يەر يۈزى.
ئاسمان، كۆك
يەر ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ھاۋا رەڭ بوشلۇق.
ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، يەرگە ئۇرۇپتۇ. ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم قان تاتلىق. ئاسمانغا قارا، يەرنى ئويلا. ئاسماننىڭ قۇشىنى يەرنىڭ يېمى ھالاك قىلىدۇ. ئاسمان يەرگە ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ، يەر ئاسمانغا توزان توزدۇرىدۇ. كۆكتىن ئىزلىگەننى يەردىن تاپتىم. قۇش بالىسى كۆككە قارايدۇ، قوي بالىسى يەرگە. ياخشى بىلەن ياماننىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بار. تۆگىنى بوران ئۇچۇرسا، ئۆشكىنى ئاسماندا كۆر. كۆك ئاسماننىڭمۇ كۆزى بار. تاجغىمۇ، تەختكىمۇ ھېچ بولما موھتاج، يەرنى تەخت بىل، ئاسماننى تاج.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<يار> غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇياش سىستېمىدا 3 - ئورۇندا تۇرىدىغان پلانېتا.
يەر شارى. يەر يۈزى.
شۇ پلانېتا تەركىبىدىكى قۇرۇقلۇق قىسمى.
يەر پلانېتانىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
پلانېتانىڭ سىرتقى قاتلىمى؛ پوستى.
يەر قاتلىمى. يەر بايلىقى.
يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ (ماقال).
ئەرنىڭ ئېرى بار، يەرنىڭ يېرى بار (ماقال).
نەرسىلەر تۇرغان، جانلىقلار ياشاۋاتقان جاي؛ ئورۇن، ماكان.
يەرگە پالاس سالماق.
كۈندۈزى مەندەك ئەر يوق، كېچىسى ياتىدىغان يەر يوق (ماقال).
توققۇز ئوغۇلنىڭ كەنجى ئوغۇلغا ئەگىشىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر چاغدا دەريانىڭ چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ، ئېگىزدىن تۆۋەنگە بېقىپتۇ، ئۇلار كۆرۈپتۇكى، سۇنىڭ ئاستىدا بىر تالاي قوزىلار مەرىشىپ تۇرغۇدەك.
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا پايدىلىنىدىغان تۇپراق قاتلىمى، تېرىقچىلىق قىلىدىغان، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان جاي؛ تېرىلغۇ مەيدانى.
بوز يەر. مۇنبەت يەر. شورلۇق يەر.
بىرەر نەرسە بەند قىلىپ تۇرغان، ئىگىلىگەن ئورۇن، جاي، ماكان.
قانداق كەلدىڭ بۇ يەرگە توختا! قولۇڭنى كۆتەر! بىلمىدىڭمۇ بۇ يەردىن جېنىدىن تويغان ئۆتەر!
بىرەر مەملىكەت، دۆلەت ياكى كىشىلەرگە قاراشلىق جاي؛ زېمىن.
يات يەر. ئۆزگە يەر.
بەخت تولپارىغا مىنگەن ئەزىزانە، مۆتىۋەر قەشقەر، ماھارەت تەختىنىڭ شاھى گۈزەل يەر، دىلسۆيەر قەشقەر.
بىرەر نۇقتا.
بۇ يەردىن بەش يۈز مېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر پارنىكىمىز بار.
بىرەر نەرسىنىڭ ياكى ئەزانىڭ ئايرىم قىسمى، بۆلىكى، جايى.
ئۇلار يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان يەرنى ئۈزۈپ ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.
كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىپ، شۇ ئالماشتىن ئاڭلانغان تەرەپتىكى جاينى ئىپادىلەيدۇ.
شۇ يەرگە كېلىۋىدى، باشقىلار ئۆرۈۋەتتى.