UyghurMain Dictionary
يەمىلقان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1908 - 1986) جۇڭگودىكى چوڭ موللا، شىنجاڭ ئالتايلىق، قازاق، كىچىكىدىن دىن ئوقۇغان. 1930 - يىلىدىن كېيىن مەسچىتتە موللا بولدى. <قۇرئان كەرىم> نى، ھەدىسنى ۋە فىقھەنى خېلى چوڭقۇر ئىگىلىدى. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولدى. مەسچىتتە ئۇزۇن مۇددەت ئىمام ۋە مۇپتى بولدى. ئازادلىقتىن كېيىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولدى.