UyghurMain Dictionary
يەم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر كۈن؛ كۈندۈز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دورا ئوت، دورا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دېڭىز، ئوكيان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېتىتقۇ، دورا - دەرمەك.
ئوت يەم _ دورا - دەرمەك. بۇ سۆز يالغۇز ئىشلىتىلمەيدۇ، جۈپ سۆز بولۇپ كېلىدۇ.
3 - 4
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئات - ئۇلاغلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئوزۇقلۇق؛ بوغۇز.
يەم بەرمەك.
يەرنىڭ يېمى ئوغۇت، ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت (ماقال).
ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق؛ دان.
قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ، كىشىنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ (ماقال).