UyghurMain Dictionary
يەلكە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ قوللىرى دۈمبىگە، بويۇنغا تۇتاشقان يەر.
كۆزى گەجگىسىگە چىقىپ قاپتۇ، ئەقلى دۈمبىسىگە. سۇنغان قول يەلكىگە يۈك. يېتىمنىڭ رىزقىنى يېگۈچە، پاتىڭىڭدىن كېسىپ يە. ئۆيىگە توشۇغاننىڭ شىللىسى ئاغرىماس. خەقنى مۈرەڭگە چىقارساڭ، ھە دېگۈچە بېشىڭغا چىقىدۇ. دولسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بويۇننىڭ ئارقا قىسمى؛ مۈرە، ئۆشنە.
يەلكىگە ئالماق.
قاسىم جىسا شۇ گەپنى ئېيتىپ تۇرۇپ لەيلىگۈلنىڭ يەلكىسىدە يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىدىن تۇتتى ۋە ئىككىنچى قولى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى.