UyghurMain Dictionary
يەڭلىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم («يەڭⅠ » گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىك» قوشۇلغان).
قولغا يەڭ ئۈستىدىن كىيىۋالىدىغان مەخسۇس خالتا.
يەڭلىك كىيمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«يەڭⅠ » گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىك» قوشۇلغان).
يەڭ قىلىشقا، يەڭتېڭىشكە كېتىدىغان رەخت.
بۇ رەخت يەڭلىك بولارمىكىن، ئەپ قوي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نان ياققاندا قولغا كىيىۋالىدىغان، تۇتۇۋالىدىغان قولقاپ ياكى يەڭقاپ.
نائۇستىنىڭ رېپىدىسىنىڭ يېرىمى يىرتىق، يېرىمى كۆيۈك. يەڭلىكىڭ ياخشى بولسا، قۇلۇڭدىن ئەسىرىمە. گەنزە نانۋاينىڭ جېنى، ئاۋايلايدۇ، دەسسىمەيدۇ، پاكىز تۇتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يېڭى بار، يەڭ ئورنىتىلغان، يېڭى ئۇزۇن.
ئۇسسۇلچى قىز يەڭلىك شايى كۆڭلەك كىيىپ، بىلىكىگە كۈمۈش گۈللۈك نەقىش كەمەر تاقىغان.
ئى. نان يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قول قاپ؛ رېپىدە.
يەڭلىك تىكمەك.
ئى. ئىش ۋاقتىدا كىيىمنى ئاسراش ئۈچۈن قولنىڭ جەينىكىگە تاقىۋالىدىغان خالتىسىمان بۇيۇم.
يەڭلىك تارتماق.