Uyghur←ChineseMain Dictionary
يېڭى دېھلى
Domain: ئۇنىۋېرسال新德里
xīn dé lǐ
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر新德里
xīn dé lǐ
ھىندىستاننىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي مەركىزى. بۇ شەھەر 1911 - يىلدىن 1929 - يىلغىچە كونا دېھلى شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى بىلەن جومونا دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە سېلىنغان، 1931 - يىلى پايتەخت كونا دېھلىدىن يېڭى دېھلىغا يۆتكەپ كىلىنگەن، 1947 - يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يېڭى دېھلى بىلەن كونا دېھلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېھلى شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىركېلىدۇ، ھازىر بۇ ئىككى شەھەر ئەمەلىيەتتە بىرلىشىپ كەتكەن. كونا دېھلى شەھىرى جومونا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ئۇ ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا پاختا، يۇڭ توقۇمىچىلىق، خىمىيە، ياغاچچىلىق، مېتالچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. بۇ جاينىڭ قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى بەك داڭلىق بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېڭى دېھلى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كالكۇتتا، شىمالىدىكى ئامرىز، غەربتىكى ئەخمەد ئاباد، بومباي قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى خەلقئارا ئايرودرومى بار. دېھلى ھىندىستاننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا قەدىمىي دەۋرلەردە سېلىنغان نۇرغۇن خان سارايلىرى، ئاتاقلىق بۇتخانا، مەسچىتلەر، قەدىمىيي قۇرۇلۇشلار، يېڭى دېھلى داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.
GetWord Corpus
9新德里
新德里【地名】
xīn dé lǐ9新德里
新德里【世界各国】
xīn dé lǐ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.