UyghurMain Dictionary
يازى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
دەشت، چۆل؛ سەھرا:
كۆرۈپ ناگاھ گۇلۇ نەۋرۇز ئىزىنى،
ياسانىپ ئىزدەدى يازى يۈزىنى.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دەشت، چۆل، دالا، تۈز: يازىدا بۆرى ئۇلىسا ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشۇر(ماقال). ئەۋدە - ئۆيدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېزىق، يېزىق يەر، بوشلۇق، ئوچۇقچىلىق.
3 - 29