UyghurMain Dictionary
ياز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئسىم.
ئەتىياز بىلەن كۈزنىڭ ئارىلىقىدىكى پەسىل.
ياز كۈنلىرى، ياز پەسلى، ياز قىلماق.* يازلىق زىرائەت، يازلىق يىغىم. * يازلىق كىنوخانا. * ياز - دۆلەت، قىش - مەينەت (ماقال). * يازنىڭ تېزىكى قىشقا دورا (ماقال). * يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلايدۇ (ماقال). * يازدا يېپىنچا، قىشتا ئوزۇق (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يازماق، يېزىش.1. يېزىق بىلەن خەت يازماق، پۈتمەك.
خەت يازماق. * پېشانىگە يېزىلغاننى كۆرمەك. * سالام خەت يازماق. * يازما مەلۇمات، يازما قانۇن. * ھەرپنىڭ يازما شەكلى.
2. ئىجاد قىلماق، ياراتماق. شېئىر يازماق. * رومان يازماق. * ئىلمىي ماقالە يازماق. * سەھنە ئەسىرى يازماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يايماق، ئاچماق، يەشمەك: شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئوكۇش سۆزلىمە سۆز بىرەر سۆزلە ئاز، تۈمەن سۆز تۈگۈننى بۇ بىر سۆزلە ياز(ئۆكۈش - كۆپ، تولا).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت پەسىلنىڭ بىرى، باھار بىلەن كۈزنىڭ ئارىسىدا، ئىسسىق پەسىل.
<ئاياز> كىتابىي سۆز، كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۇچرايدۇ.
ھورۇننىڭ ئېتى يازدىمۇ كۆتۈرەم. يازنىڭ ئوزۇقىنى تىلىگۈچە ئاپتىپىنى تىلە. يامغۇرلۇق ئاياز كۈزدىن بەتتەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياز.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يازىن قاتىغلانسا قىشىن سەۋنۈر _ يازدا قاتتىق ئىشلىسە، قىشتا سۆيۈنەر.
3 - 218
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياز، باش باھار
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەش (بۇيرۇق پېئىلى)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۆت پەسىلنىڭ ئىككىنچىسى، ئەتىيازدىن كېيىنكى، كۈزنىڭ ئالدىدىكى پەسىل، مىلادىيە بويىچە تەخمىنەن 5 - مايدىن 6 - ئاۋغۇستقىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.