UyghurMain Dictionary
ياڭخاڭ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى غالىبيەت كوچىسىدا بولۇپ، كىشلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 1899 _ يىلى ئۆزبېكلەر سالدۇرغانىكەن. غالبىيەت كوچىسى بۇرۇن « ياڭخاڭ » ( ئەجنەبىيلەر كوچىسى ) دېيىلگەنلىكتىن، مەسچىت « ياڭخاڭ مەسچىتى » دەپ ئاتالغان. بۇرۇن بۇ مەسچىتە ناماز ئوقۇيدىغان تاتارلار كۆپ بولغاچقا « نوغاي مەسچىتى » دەپمۇ ئاتالغان. بۇ مەسچىت ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئۇيغۇر، تاتار قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ھېسابلىندۇ. بۇ مەسچىتنىڭ سېلىنغان ۋاقتى ئۇزىراپ ( 100 يىلدىن ئېشىپ )، تۈۋرۈكلەرنىڭ ئاستى چىرىپ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناماز ئوقۇيدىغان، بولۇپمۇ روزى ھېيت، قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلار كۆپىيىپ مەسچىتكە سىغماي قالغانلىقى ئۈچۈن، كونا مەسچىت بۇزۇۋېتىلىپ، ئورنىغا ( سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ ) يېڭى مەسچىت سېلىندى. يېڭى مەسچىتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىڭ 319 كۋادرات مېتىر بولۇپ، مەسچىت خىش بىلەن ئۈچ قەۋەتلىك قىلىپ سېلىندى. بۇ زالدا ئادەتتە نەزىر _ چىراغ مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە، ھېيىت _ ئايەملەردە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. مەسچىتنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئالتە تۈرۋرۈركلۈك كۆركەم پىشايۋان چىقىرىلدى. مەسچىتنىڭ ئىچى، تۈۋرۈكلىرى، تورۇسى مىللىي ئۇسلۇنتا گەج بىلەن نەقىشلەندى. مەسچىتكە سۇ، توك يوللىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە توك تەقسىملەش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلدى. مەسچىتنىڭ ئۈستىگە بىر چوڭ گۈمبەز، چوڭ گۈمبەزنىڭ كەينىگە ئىككى كىچىك گۈمبەز، ئالدى تەرەوپ ئىككى چېتىگە ئىككى مۇنار ياسالدى. گۈمبەزلەرنىڭ ئۈستىگە داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ھېلال ئاي ئورنىتىلدى. يېڭى مەسچىت مىللىي ئوسلۇبتا ئاجايىپ كاتتا سېلىندى. بۇ مەسچىتتە 1998 _ يىلى 4 _ ئاينىڭ قۇرۇلۇش باشلىنىپ 2002 _ يىل ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزۈلدى. مەسچتتە ئىككى مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىتنىڭ مۇستەھەپخانا، ئاشخانا، دۇكان قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلىرى بار. ئالدىدا كەڭ سەينا، سەينانىڭ ئىككى تەرىپىدە گۈللۈك بار. ھېيىت نامازلىرىنى ئادەتتە 6 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە ئادەم ئوقۇيدۇ.